خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلىق خەۋەرلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئېغىر دەپسەندىچىلىكىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» نىڭ باياناتچىلىرىدىن شۈ گۈيشياڭ، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئېلىجان ئانايەت قاتارلىقلار 17-مارت بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

قورچاق ئەمەلدارلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتىدۇ، بۇ جەرياندا بەزى دۆلەتلەر ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دەستەك قىلىپ جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى» دەپ بىلجىرلاپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ: «نۇرغۇن پاكىت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئامېرىكا دەل دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىسى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلىشى كېرەك» دەپ چالۋاقىغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يالغان ئىسپاتلار بىلەن ئالداش مەقسىتىدە، ھەر قايسى ساھەدىن سەككىز كىشىنى ئاتالمىش «ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش» نامىدا يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغانلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى قورچاق ئەمەلدار رىزۋانگۈل مۇتەللىپ بار بولۇپ، ئۇ تور ئارقىلىق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

قورچاق ئەمەلدار رىزۋانگۈل مۇتەللىپ سۆزىدە: «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ ئالدى-كەينىدە خەلق تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يالغان گۇۋاھلىقى ئارقىلىق خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئېشنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يالغان دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزى ئىنكار قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى داۋاملىق ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىجتىمائي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكنى پاش قىلىش، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1721 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2022 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق