خىتاي ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ كونتروللۇقنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن نۇسخىسى ئومىكروننىڭ خىتايدا قايتىدىن كۆپلەپ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى جىددىي ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ماشىڭرۈي ۋە قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەكشۈرۈشكە بارغان. ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندا قىلغان سۆزلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش باھانىسى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ماشىڭرۈي تەكشۈرۈش داۋامىدا «ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تورلاشماسلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە تارقالغان ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئالدىنقى يىللاردىمۇ «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» باھانىسى بىلەن، تۈرلۈك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كونتروللۇقنى ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە چۈشۈرگەن مەخپىي ھۆججەتلىرىدىمۇ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ۋىرۇس مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، باستۇرۇش، قامال قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1973 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2022 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق