شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرىدى

17-مارت شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قانچە ۋىلايەتلىرىدە يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۇما ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە، 17-مارت سائەت 21 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 36.10 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.86 گىرادۇس) 5.2 بال يەر تەۋرىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 20 كىلومېتىر دائىرىسىدە نوپۇسنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ۋە زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

18-مارت خىتاي يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئىستانسىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 48 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلاردا جەمئىي ئالتە قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدە تۆت قېتىم، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيەسىدە بىر قېتىم، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسىدە بىر قېتىم يەر تەۋرىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2006 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2022 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق