چاناققەلئە كۆۋرۈكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولغان چاناققەلئە كۆۋرۈكى رەسمىي پۈتكەن بولۇپ، بۈگۈن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان باشچىلىقىدا كۆپلىگەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

چاناققەلئە كۆۋرۈكى تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ۋىلايىتىدە بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە كۆۋرۈك، تولۇق ئىسمى بولسا «1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى». بۇ كۆۋرۈك 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ چاناققەلئەدىكى ئارمىيەسىنىڭ ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنىگە ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە ئاتالغان.

كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان بولۇپ، بۈگۈن، يەنى 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چاناققەلئە غەلىبىسىنىڭ 107-يىلىغا توغرىلاپ پۈتكۈزۈش پىلانلانغان.

كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4608 مېتىر بولۇپ، مۇشۇ خىل كۆۋرۈكلەر ئىچىدە دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككى ئاساسلىق تۈۋرۈكىنىڭ ئارىلىقى 2023 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سان 2023-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كۆۋرۈكنىڭ ئىككى ئاساسلىق تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 318 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سان ئوسمانلى خەلىپىلىكى ئارمىيەسىنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى غەلىبىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كۆۋرۈكنىڭ ئىككى ئاساسلىق تۈۋرۈكىنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ، تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئەڭ ئۈست قىسمىغا چاناققەلئە ئۇرۇشىدا ئۆزى يالغۇز قېلىپ، 200 كىلودىن ئېغىر توپ ئوقىنى يالغۇز كۆتۈرۈپ كېلىپ، توپقا سېلىپ، دۈشمەننىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتىنى غەرق قىلىۋەتكەن، بۇ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان سىيىت ئونبېشىنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان. بۇ ھەيكەل بىلەن قوشقاندا كۆۋرۈك تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى جەمئىي 334 مېتىر كېلىدۇ.

بۇ كۆۋرۈك كورىيەنىڭ Daelim، SK شىركەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ لىماك گۇرۇھى، ياپى مەركىزى گۇرۇھى تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ %90 ىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىكەن.

كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن سىملارنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 162 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەرشارىنى تۆت قېتىم ئايلاندۇرۇشقا يېتىدۇ. قۇرۇلۇشقا يەنە 227 مىڭ كۇب مېتىر سېمونت ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ سېمونت بىلەن 25 مىڭ نوپۇسلۇق بىر ناھىيە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

«1915 چاناققەلئە كۆۋرۈكى» ئۈچۈن جەمئىي 2 مىليارد 545 مىليون ياۋرو خەجلەنگەن بولۇپ، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا ھەر خىل قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىدىن 750 ى ئىشلىتىلگەن، تېخنىك، ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلار بولۇپ جەمئىي 5500 ئادەم قاتناشقان.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 927 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق