تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلانغان تەبىئىي گاز 300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

خىتاي ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان تەبىئىي گاز نۆۋەتتە 300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 14-مارتقىچە خىتاي ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي گاز 300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىملىرىدىكى ئۆلكىلەرگە توشۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن توشۇپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 30 يىللىق گاز ئىشلىتىش مىقدارىغا، خىتاينىڭ بۇلتۇرقى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان تەبىئىي گاز 18 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 120 نەچچە شەھەرگە توشۇلغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، 300 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 426 مىليون توننا كاربون IV ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە،  400 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغانغا باراۋەر ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىلنىڭ  ئالدىنقى ئىككى ئېيىدىلا تارىم نېفىتلىكىدىن 11 تەبىئىي گاز قۇدۇقى قازغان بولۇپ، يېڭىدىن يەنە 800 مىليون كۇب مېتىر گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1998-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم  تارىم نېفىتلىكىدىكى غايەت زور تەبىئىي گاز زاپىسىنى تەكشۈرۈپ بايقىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم «قارا-2» نومۇرلۇق قۇدۇقنى قازغان. 2004-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتالمىش «غەربنىڭ تەبىئىي گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گاز بايلىقى زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، خىتايغا توشۇلۇپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق يوقىتىش، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى تېز سۈرئەت بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسلى ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بولسا بۇ بايلىقلاردىن ھېچقانداق مەنپەئەتلىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1814 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2022 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق