خىتايلار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايىتىنى كۆز-كۆز قىلماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەر ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قىسىم سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سەبىي ۋاقتىدىن تارتىپلا كىملىكىگە يات بولغان پىكىرلەرگە، ئىدېئولوگىيەلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا بىر خىتاي بەش ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى خىتاينىڭ دۆلەت مارشىنى خىتايچە ئوقۇتقان بولسا، يەنە بىر سىندا مەزكۇر بالىنى «مەن جۇڭگولۇق بالا» دېگەن ناخشىنى ئېيتقۇزغان ۋە بۇنى پەخىرلەنگەن ھالدا كۆز-كۆز قىلغان. ھالبۇكى، تۆت-بەش ياشلىق بالىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يات بىر تىلدا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىش ئاسان ئەمەس بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر بالىنىڭ قىزىل ناخشا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىپ، بالىلار لاگېرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، تىلىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى خىتايچە چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك رەزىل پىلانىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

يەنە بىر سىندا بولسا سىنغا ئالغان خىتاي كومممۇنىستلارنىڭ ئىزنىكىگە قاراپ تۇرغان بىر كىچىك ئۇيغۇر قىزدىن «نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟» دەپ سورىغان. قىز: «مەن چوڭ بولغاندا بۇنى ئالىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي «بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟»دەپ سورىغان. قىز: «كومپارتىيە ئەزاسى» دەپ جاۋاب بەرگەن. خىتاي: «كومپارتىيە ئەزاسىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىغاندا، قىز: «ياخشى ئادەملەر» دەپ جاۋاب بەرگەن. ھالبۇكى، بەش-ئالتە ياشلىق بالىلارنىڭ نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى چوڭلاردىن ئۆگىنىدىغانلىقى ئاددىي بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان فاشىستىك خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پەردازلىنىپ، بۇرمىلىنىپ ياخشى ئادەملەر، قۇتقۇزغۇچىلار سۈپىتىدە سىڭدۈرۈلگەن. خىتايلار بولسا بۇنى زور نەتىجە سۈپىتىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلغان.

ئۇندىن باشقا مەزكۇر سىنلاردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، خىتايچىنى راۋان سۆزلىيەلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بالىلار لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرگىمۇ زور كۆلەمدە يۆتكەپ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، تەدرىجىي مىللىي، دىنىي كىملىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىغان. ھازىرغىچە تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلاپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2174 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2022 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق