خىتاي ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»نى قايتا تەكىتلىدى

خىتاينىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن خىتاي خەلق تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا بىرلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا ئىقتىدار ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا تەكىتلەپ كەلگەن خەلق ئاممىسىنى ئاتالمىش «توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى» يۆلىنىشى بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ تەكىتلىگەنلىرى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بولۇپ، «ئىككى يىغىن»دىكى كەلگۈسى پىلانغا ئالاقىدار مەزمۇنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم بېشارەت بەرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرگەن. ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدا جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلار سەككىز مىليونغا يەتكەن. تۇتقۇنلارنى ئىسلامدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋەز كېچىشكە، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. رەت قىلغۇچىلارغا بولسا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان. يېقىندىن بېرى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدىن جەسىتى ئېلىپ چىقىلغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.

گەرچە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈينى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ بېسىمى، ئەيىبلەشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك چوڭ يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2193 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2022 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق