ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ خىتايغا ھەربىي ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، خىتايدىن ھەربىي ئەسلىھە ياردىمى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنى ئىنكار قىلىپ، ھەربىي ياردەم تەلىپى مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقارغان يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبلىك ئۇچرىغان جازالىرىدىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەرگەن تەقدىردە، چوقۇم بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ