ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىمۇ ماس قەدەمدە كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەر ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى تاشمىلىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە سۈرەتكە ئېلىنغان بىر نەچچە سىن تارقالغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كىملىكىگە يات بولغان، زورلاپ تېڭىلغان پىكىرلەرنىڭ، ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

سىندا مەزكۇر مەكتەپ دائىرىلىرى بىر نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن: «بىر جۈملە سۆز بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاڭلار؟» دەپ سوئال قويغان. قىزلار تەرتىپ بويىچە: «تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن؛ شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى؛ جۇڭگودا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن؛ قەدىمدىن تارتىپ شەرقتە بىر ئەجدىھا بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو؛ ماۋ زېدۇڭ بىزگە ياخشى ئۆگىنىڭلار، دەپ تەلىم بەرگەن» دېگەندەك قېلىپلاشقان جۈملىلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئۇلارنىڭ ھەربىيلەرگە ئوخشاش رەتلىك تىزىلىپ ئولتۇرۇشى ۋە جاۋاب بەرگەندىكى تەبىئىي بولمىغان چىراي ئىپادىلىرىدىن مۇشۇنداق جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئالدىنئالا ئۆگىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپ پۈتۈنلەي ياتاقلاشتۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، ھەربىر ياتاقتا ئوندىن ئوقۇغۇچى ياتىدىكەن. خىتاي رېجىمى مەزكۇر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن  ئايرىپ، سىستېمىلىق ھالدا مېڭە يۇيۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى بالىلار لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرگە يۆتكەپ، ئۇلارنى ئائىلىسىدىن ۋە ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلغان ھالدا، تەدرىجىي مىللىي، دىنىي كىملىكىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىغان. بۇ جەرياندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش چارە-تەدبىرلىرى قاتتىق ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «خىتايچە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ماركسىزمنىڭ ۋەتەن، مىللەت، دىن، ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم نۇقتىئىنەزەرىنى نامايان قىلىش» دېگەندەك كوممۇنىزم ئىدىيەلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان.

بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان سىنلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلاشسا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2051 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2022 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق