غەرب تەتقىقاتچىلىرى: ئىسلامىزم قايتا باش كۆتۈرۈشكە تەييارلاندى

ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى سىتېۋېن كۇك «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، يوقىتىلدى دەپ قارالغان ئىسلامىزم ئېقىمىنىڭ مىسىر ۋە تۇنىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە قايتا جانلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-مارت ئامېرىكىنىڭ «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى»دا «ئىسلامىزم قايتىپ كېلىشكە تەييارلاندى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئىسلامىزم ئېقىمىنىڭ ئانچە ياخشى جانلانمىغانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە يوقالمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىسلامىزم ئېقىمىدىكىلەرنىڭ رايوندىكى پۈتكۈل ھاكىمىيەتلەرگە زور رىقابەت پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئاپتورى سىتېۋېن كۇك: «ئىسلامىزم ئېقىمى يوقىتىلدى، دەپ جاكارلاش مۇبالىغە بولۇپ، ئۇلار رايوندىكى ھۆكۈمەتلەر خەلققە ۋەدە قىلغان ئىشلار بىلەن كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشىدىكى پەرقنى كوزىر قىلغان ھالدا، داۋاملىق يوشۇرۇن پۇرسەت كۈتمەكتە» دېگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە ئىسلامىزم ئېقىمى دۇچ كېلىۋاتقان ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۇلار قارىماققا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يوقاتقاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما پات يېقىندا ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھازىر غەربكە قارشى كۈرەشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۇك ماقالىسىدە يەنە ئوتتۇرا شەرقتە ئالدىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئەرەب باھارىدىن كېيىن، مۇستەبىتلىكنىڭ قايتا ئەۋجىگە چىقىشى، ئىقتىسادىي پۇرسەتنىڭ چەكلىك بولۇشى، سىياسىي پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى ۋە رەھبەرلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يوقالغانلىقى، ۋەھشىيلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قاتارلىق ۋەزىيەتنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مىسال تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 2013-يىلدىن كېيىن تەشكىلاتنىڭ كۆپ قىسىم ئەزالىرىنىڭ مىسىردىن قېچىپ كېتىشىگە ۋە نۇرغۇن رەھبەرلىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىغا قارىماي، يەنىلا مىسىر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى، شۇنداقلا مىسىر رېجىمىنىڭ مىسىر خەلقىگە يات بولغان تارىخىنى قايتا يېزىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى ھالدا، نوپۇزغا ئىگە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3807 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2022 13:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق