ھىندىستان ئارمىيەسى پاكىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

ھىندىستان ئارمىيەسى ئاسراش خىزمىتى جەريانىدىكى تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن پاكىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئالدىنقى جۈمە كۈندىلىك ئاسراش خىزمىتى جەريانىدا تېخنىكىلىق كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبلىك، پاكىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت كەشمىر رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلغان ھەمدە نۇرغۇن سۈركىلىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، يېقىنقى ئايلاردا جىددىيچىلىك سەل پەسەيگەن. بۇندىن ئىلگىرى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر يادرو قورالىغا مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ھادىسە ياكى خاتا ھېسابلاش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، بۇ ۋەقە بىخەتەرلىك مېخانىزمى مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپتە گۇمان پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، دائىملىق ئاسراش خىزمىتى جەريانىدا كۆرۈلگەن تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دەرھال ئالىي سوت كوللېگىيەسى قۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوق بېشى ئورنىتىلمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پايتەخت ئىسلامئاباد بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 كىلومېتىر كېلىدىغان مىيەن چاننۇ شەھىرىگە يېقىن يەرگە چۈشكەن. ئەمما بەختكە يارىشا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندىستاننىڭ ئىسلامئابادتىكى ۋەكىلىنى چاقىرتىپ، پاكىستاننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ يولۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2022 11:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق