خىتاي ئاشخانىسىنىڭ يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈشلىرى قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى

قالاق ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ناچار تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيادا يامان ئوبراز تىكلىگەن خىتايلارنىڭ قىرغىزىستاندا ئاچقان بىر ئاشخانىسىدىكى يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىدى.

قىرغىزىستاننىڭ بىر داڭلىق يۇتيۇب قانىلى ئالدىنقى ھەپتە يېرىم سائەتلىك بىر سىن تارقاتقان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى خىتايلارنىڭ «جىشياڭ ئاشخانىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاشخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەتچىلىكلەر ۋە ئاشخانا ئاچقان خىتايلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ئۆكتەملىكى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر مۇخبىرغا مەزكۇر خىتاي ئاشخانىسىنىڭ تازىلىقىنىڭ زىيادە ناچار ئىكەنلىكىنى، بۇنى بىلمىگەن قىرغىز خەلقىنىڭ بۇ ئاشخانىدىن تاماق يەۋاتقانلىقىنى، بۇنى تەكشۈرۈپ، خەلققە ئاشكارىلاشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. مۇخبىرلار خىتاي ئاشخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ تەكشۈرمەكچى بولغاندا، خىتاي خوجايىن ئۆكتەملىك بىلەن مۇخبىرلارنى ئىتتىرىپ، ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغان، ھەتتا مۇخبىرنىڭ كامېراسىنى تۆمۈر بىلەن ئۇرۇپ بۇزۇۋەتكەن. شۇنداقتىمۇ مۇخبىرلار زىيارەت قىلىشتىن ۋاز كەچمەي، مەزكۇر رايوننىڭ مەسئۇل ساقچىلىرىنى چاقىرغان ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئاشخانىنىڭ ئىچ تەرىپىگە ئۆتەلىگەن.

مۇخبىر بىلەن ساقچىلار خىتاي ئاشخانىسىنىڭ تاماق ئېتىدىغان رايونىغا كىرگەندىن كېيىن،  ئاشخانىنىڭ قاتتىق مەينەتلىكىدىن چۆچۈپ كەتكەن. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمبەل، كۆكتات قاچىلىرى، داسلار ۋە سۇ كۆلچىكى ئىنتايىن مەينەتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قاچا-قۇچىلارنىڭ ئەتراپىدا سۈۋەرەكلەر مىغىلداپ يۈرگەن. پول ۋە تورۇسلارمۇ ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى تازىلانمىغان بولۇپ، مەينەتلىكىدىن سۈۋەرەكلەرنىڭ يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتايلار كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ تاماق ئېتىدىغان يەردە يۇيىدىكەن.

مۇخبىرلار مەزكۇر خىتاي ئاشخانىسى ھەققىدىكى سىننى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان خەلقى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بىر قىسىم تورداشلار بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتايلارنى قىرغىزىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ خىتاي ئاشخانىسىغا ئېغىر جەرىمانە قويۇپ تاقىۋېتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2411 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2022 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق