تارقالغان سىنلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم جايلارنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئالدىنقى كۈنلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ مەزكۇر شىركەتكە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئېكرانغا: «شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار خاۋيۈتۇڭغا يېتىپ كەلدى.  ئەتىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشۈش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار تيەنجىن خاۋيۈتۇڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا يۆتكەلگەن.

باشقا يەنە بىر سىندا زاۋۇت سېخ مەيدانىدا يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر ئەر-ئايال يىغىلغان ۋە يوقلىما قىلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن. ئۈچىنچى قىسقا سىندا بولسا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش ئورنىدا ئۆچرەت بىلەن تاماق ساقلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ھەممىسىنىڭ قىز-ئايال بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 15-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدىكى خىزمەتلىرى خۇلاسىلەنگەن ۋە بۇ يىللىق پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2022-يىلى ئاتالمىش «يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى مىليون 750 مىڭ كىشىنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ جىنايەت پىلانلىرى «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە سۈرگۈن قىلىشنى ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى كارخانىلار بىلەن توختام تۈرگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىغاندىن باشقا،  سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي رېجىمى بۇ جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ تارقىلىۋاتقان چەكلىك سىنلار خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقلىرىنى پاش قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2589 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2022 13:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق