خىتاينىڭ قەشقەردىكى داڭلىق يېڭى بازارنى چېقىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا، قەشقەر خەلقى ئارىسىدا «يېڭى بازار» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال چوڭ بازارنى چىقىشقا باشلىغان.

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسى بويىغا جايلاشقان قەشقەر يېڭى بازارنى مەجبۇرىي چېقىشقا باشلىغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقالغان يەنە بىر سىندا بولسا دۇكانلارنىڭ چېقىلىشتىن بۇرۇنقى قۇرۇقدالغان ھالىتى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىنغا ئالغۇچى ئاچچىق نىدا قىلىپ: «ئەي دۇنيا، ئۆتۈنۈپ قالايلى، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشكىمۇ بولمامدۇ؟ ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆتكۈزسە بولمامدۇ؟» دېگەن.

قەشقەر يېڭى بازار ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر بازارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، رەخت، ئۆي سەرەمجانلىرى، ئاشخانا بۇيۇملىرى قاتارلىق بارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېپىلىدىغان، ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن ئۇنىۋېرسال بازار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ بازارنى چېقىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتى بىلەن، ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونىنى يېڭىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش» نامىدا مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆي-ئىمارەتلەر، ھويلا-ئاراملارنى مەجبۇرىي چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى، بازارلىرىنى زور كۆلەمدە ۋەيران قىلغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى 2021-يىلى ئاتالمىش «شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا 201 ئولتۇراق رايون، 616 بىنا، 14 مىڭ 549 ئائىلە، 1 مىليون 150 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 14 مىڭ 549 ئائىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلىرىنى چىقىپ ئۆزگەرتكەن. پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2020-يىلى 7-مايدىكى خەۋىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان 310 مىڭغا يېقىن ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغانلىقى، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچىلا چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ 96 مىڭ 400 گە يەتكەنلىكى، خىتاينىڭ چېقىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، كۇچا، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلەردە نۇقتىلىق پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر بازارنى تارقىتىۋېتىش ئارقىلىق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار توپلاشقان ئورۇنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2636 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2022 11:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق