ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىقىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى ئەگەر خىتاي تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلسا، ئۇكرائىنا خەلقى كۆرسەتكەن قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەيۋەن خەلقى ئۈچۈن ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە، پىلان ۋە ئىقتىدار ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى مارا كارلىن 10-مارت ئۆتكۈزۈلگەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى قىلغان.
كارلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى تەيۋەن ئۈچۈن تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. ئۇ تەيۋەننىڭ قانداق قىلىپ تەڭپۇڭسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى تەييارلىق قىلىشقا ئۈندەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيە كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ سىياسىي-ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېسىكا لېۋىس كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى ئۇكرائىنادا غايەت زور رول ئوينىغان قورال سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشقا داۋاملىق ئۈندەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «تەيۋەن ئۇكرائىنانىڭ زاپاس كۈچ ئىسلاھاتى ۋە خەلقىنىڭ جەڭ تەييارلىقىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇكرائىنا زېمىنىنى مۇداپىئە قىلىدىغان پىدائىي قىسىمدىن باشقا تەخمىنەن 900 مىڭ زاپاس ئەسكىرى بار» دېگەن.
باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئاساسلىق قورال تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەننى تەننەرخى تۆۋەن كۆچمە مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشقا، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۈندەپ كەلگەن.
خىتاي تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يانۋار ئېيىدا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ: «ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا رىغبەتلەندۈرۈشى ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ