قورچاق ئەمەلدارلار سۇنغان سەككىز تەكلىپ دىققەت قوزغىدى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» بىلەن «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش» يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ كەلگۈسى پىلانغا ئالاقىدار سۇنغان سەككىز تەكلىپ، 148 تەۋسىيەسى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن بېرىپ خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان قورچاق ئەمەلدارلار  8–، 9-مارت كۈنلىرى، يەنى يىغىندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەۋسىيەسىنى تاپشۇرۇش مۇددىتىدە سەككىز تەكلىپ، 148 تەۋسىيەسىنى سۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سۇنۇلغان سەككىز تەكلىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، «ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، «ئەمگەك قانۇن دەستۇرى» قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە تەييارلىق كۆرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

148 خىل تەۋسىيە بولسا ئاساسلىقى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىش، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»نى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن.

مەزكۇر قورچاق ئەمەلدارلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن  بولۇپ، ئۇلار بۇ تەكلىپىنى چۈشەندۈرۈپ، مەزكۇر قانۇننىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغانلىقى، ئاتالمىش «خىتايچە سوتسىيالىزم»نىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، شۇڭا بۇ قانۇننى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە موھتاج دەپ قارىغانلىقى، ئورتاق تىل-يېزىق توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشتىكى يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

گەرچە خەۋەردە مەزكۇر تەكلىپلەرنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمگەك، تىل-يېزىق، دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق زىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش دىققەت قوزغايدىكەن، شۇنداقلا تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، تىل-يېزىقنى چەكلەش، دۆلەت بىخەتەرلىكى باھانىسى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي رېجىمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەكلىپ-پىكىر سۇنالمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە تەلەپ سۇنالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، يۇقىرىقى تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەشكە ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا بۇ قېتىملىق يىغىندىكى مەزمۇنلاردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2571 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2022 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق