خەلقئارالىق فوند ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارى سەۋەبلىك خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

خىتاي رېجىمى نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركىتىنى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش قارارىدىن كېيىن، بۇنىڭ نورۋېگىيەگە زىيان سالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 9-مارت ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركىتىنى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش قارارىغا قارشى تەھدىت سالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن چارشەنبىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغانلىقى، ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوقلۇقى ھەققىدە قايتا بىلجىرلىغان.

نورۋېگىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوند تەشكىلاتى بولۇپ، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بازار قىممىتى 1 مىليارد 381 مىليون دوللارغا يەتكەن. مەزكۇر تەشكىلات 7-مارت فوند ئەخلاق كومىتېتىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ تەنھەرىكەت كىيىم-كېچەكلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى لىنىڭ گۇرۇھىنى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ سەۋەبى لىنىڭ شىركىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىدا لىنىڭ گۇرۇھىنىڭ %0.59 پېيى بار بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. نۆۋەتتە لىنىڭ گۇرۇھىنىڭ مەبلىغى مەزكۇر فونددىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلگەن.

نورۋېگىيە ئىگىلىك ھوقۇق بايلىق فوندىنىڭ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى سېتىۋېلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىت بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغان بولۇپ، مەزكۇر دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئامېرىكا، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ سىستېمىلىق تېررور سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى. ھالبۇكى، خىتاي ئىزچىل تۈردە بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1653 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2022 11:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق