بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت بۇ يىل 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكشۈرۈشىگە ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىق ھەققىدە كاپالەت بېرىشكە چاقىردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-مارت خىتاي رېجىمىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە بارلىق جايلارنى ۋە شەخسلەرنى توسالغۇسىز، نازارەتسىز زىيارەت قىلالىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
مىشېل باچېلېت 8-مارت ئۆز ئىشخانىسىنىڭ 5-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىش ھەققىدە خىتاي رېجىمى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، بۇ زىيارەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىمۇ تەكشۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شېبا كىروكېر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، باچېلېت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەركىن زىيارەت قىلىشىغا ھەرقانداق تەرىقىدە ئارىلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتنى قوللىغانلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشىدىن تېنىۋېلىشقا ياردەم قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كىروكېر يەنە باچېلېت ۋە ئۇنىڭ ھەيئىتىنىڭ بىر قېتىملىق ئىشەنچلىك زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ۋەھشىيلىككە، خورلاشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، باچېلېتنىڭ چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە كوللېكتىپلار بىلەن ئايرىم ئۇچرىشالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىشېل باچېلېت بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرىنى خىتايغا بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش سەپىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىشخانا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەتنىڭ 4-ئايدا خىتايغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ