ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ 21-ئەسىردىمۇ قوشقا قېتىلىشى دىققەت قوزغىدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قىسقا سىندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ قوشقا قېتىلىپ، يەر تۈزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان مەزكۇر 15 سېكۇنتلىق سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بىر توپ ئۇيغۇر دېھقان سۆرەم بىلەن يەر تۈزلەشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئالتە كىشى  سۆرەمنى سۆرىگەن، ئىككى كىشى سۆرەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئېغىرلىقىنى تەڭشىگەن. مەزكۇر سىندا قوشقا قېتىلغانلاردىن بىرىنىڭ ئون نەچچە ياش چامىسىدىكى بىر ئۆسمۈر بولۇشى ھەممىدىن دىققەت تارتىدىغان ۋە كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىدىن قورامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭمۇ چەتتە قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ كۆرۈنۈشلەر بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قۇللاردەك مۇئامىلە قىلىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق كەمسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن  خەلقئارادا تەنقىد قىلىنىۋاتقان، خىتاي ئىزچىل ئىنكار قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىننىڭ خىتاي رېجىمى خەلقئارادا تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئەركىن-ئازادە، باياشات ياشاۋاتىدۇ، بارلىق ئىشلەپچىقىرىش زامانىۋىلاشقان» دېگەن سەپسەتىلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئىزچىل ھالدا يالغان مەيدان، يالغان كۆرۈنۈشلەرنى ياساپ چىقىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماستىن ئادەم كۈچى بىلەن بوز يەر ئېچىش، ئۆستەڭ چېپىش دېگەندەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرگە مەجبۇرلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن خورلاش، تېخىمۇ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2759 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2022 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق