ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ بىر ئەمەلدارى رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئاندرېۋ شىرېر 9-مارت خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ توقۇنۇش خەۋپىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ھىندى-تىنچ ئوكياننى بازا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئورنى ئالماقچى ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ كۈچكە ئايلىنىشقا ئاساس سالماقچى بولغان.
ئاندرېۋ شىرېر يەنە: «بىز ياۋروپا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان تەرتىپنىڭ ئەركىن خاراكتېرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەن، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
ئاندرېۋ شىرېر يەنە گېئوپولىتىكىلىق تەھدىتنىڭ كەلگۈسىدە تور ھۇجۇمى تېخنىكىسىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاۋسترالىيەنىڭ تور مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوچۇق ئىقتىسادقا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ