ب د ت ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى خىتاينىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ يىل 5-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم جايلارنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم جايلارنى تەكشۈرۈشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مىشېل باچېلېت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئەھۋاللىرىنى خىتايغا بىلدۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تەكشۈرۈش سەپىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شۇنداقتىمۇ مىشېل باچېلېت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى سىنلىق سۆزىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى تىلغا ئالمىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى تەخمىنەن ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىسپات توپلاشقا باشلىغان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئايدا مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر دوكلاتنى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.

مىشېل باچېلېت يەنە ئىشخانا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ 4-ئايدا خىتايغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئالدىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تىراس ۋە تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال ئالدىنقى ھەپتە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلغاندا، بىردەك شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن. بىلىنكېن يەنە باچېلېتتىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كېچىكتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 195 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 8-مارت ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىدىن مەزكۇر دوكلاتنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال ئېلان قىلىشقا ۋەدە بېرىشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرگە دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن دەرھال خەۋەردار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى كېنېس روس ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، دوكلاتنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي ئېلان قىلىنىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بىر دۆلەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنى خەلقئارا قانۇندىن ئۈستۈن قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1774 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2022 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق