پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشقا قانچە ئەسكەر تەييارلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئەسكىرى كۈچىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر دۆلەت مۇداپىئەسى ئالىي ئەمەلدارى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى 150 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر تەييارلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ %100 كە يېقىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مۇخبىرغا: «بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېنىق مۆلچەرىمىز» دېگەن.

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە گەرچە ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى تېخى كونترول قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىناغا يېقىن يەرگە يىغىلغان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ۋەزىپە ئۆتىمەكتىكەن. ئۇ يەنە: «بىز رۇسىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىن قوشۇمچە ھاۋا ئارمىيەسى ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆرمىدۇق» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ 12 كۈندىن كېيىن كىيېۋنىڭ شىمالىدا توختاپ قالغان. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلالمىغان بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك كۈچىگە تايانغان. مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى 625 دىن ئارتۇق نىشانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۇرۇشنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن قوشۇمچە ئەسكەر كۈچى ئەۋەتكەن بولۇپ، ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1762 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2022 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق