دوكلات: ئامازوننىڭ تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق

پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «تېخنىكا ئاشكارىلىقى قۇرۇلۇشى»نىڭ يېڭى دوكلاتى ئامازون شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى ئامازوننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان ئەمگەك لاگېرلىرىغا چېتىشلىق خىتاي تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامازوننىڭ باياناتچىسى ئۆز شىركىتىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا ئامازوننىڭ تەمىنلىگۈچىلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ بەش تېخنىكا شىركىتىنىڭ بايقىغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، لىشۈنجىڭمى شىركىتى، كاڭشۇ تېخنولوگىيەسى ۋە لەنسى تېخنولوگىيەسى قاتارلىق ئۈچ خىتاي شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە بىۋاسىتە چېتىلغان. ئۇندىن باشقا گېئېر پاي چېكى شىركىتى ۋە خېفېي جىڭ دۇڭفاڭ فوتوئېلېكتىر شىركىتى مەجبۇرى ئەمگەككە ۋاسىتىلىك ھالدا قاتناشقان بولۇپ، ئامازون مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان مەزكۇر تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.

ئىگىلىنىشچە، يۇقىرىقى شىركەتلەر ئامازوننىڭ داڭلىق ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياڭراتقۇ، تور يۈرۈشلۈك قۇتىسى ۋە كىچىك ئويۇن كونترول سۇپىسى Fire TV قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامازوننىڭ تەمىنلەش ئۆلچىمىدە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تەمىنلىگۈچىلەردىن ھەر قانداق شەكىلدىكى توختام ۋە رەنە شەكلىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

ئامازوننىڭ باياناتچىسى ئېرىكا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئىسپات تېپىلسا ياكى قوبۇل قىلىنسا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تەمىنلىگۈچىلەرنى ئۆزلىرى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنۇشقا، ئامازوننىڭ تەمىنلەش ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1772 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2022 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق