شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتلىرى خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» بىلەن «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش» يىغىنىدىكى كەلگۈسى پىلانغا ئالاقىدار مەزمۇنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم بېشارەت بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان خەلقنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش  سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلاردىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن ئىمىرباقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ يېڭى سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قورچاق ۋەكىللىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار 6-مارت گۇرۇپپا يىغىنى ئاچقان. يىغىندا بارلىق قورچاق ئەمەلدارلار ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ رايون ئورنى، بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقى، ئاتالمىش «يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ» قۇرۇپ چىقىشنى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

سابىق قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قوللايمەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

قورچاق ۋەكىل نەيىم ياسىنمۇ سۆز قىلىپ، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

قورچاق ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل سۆز قىلىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

قورچاق ۋەكىل ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازمۇ سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈينى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ بېسىمى، ئەيىبلەشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك چوڭ يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلققە ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە زىت بولغان ئىدېئولوگىيەنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1111 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2022 12:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق