خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتايدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن»دا ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدىكى يېڭى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ھەتتا بويتاق ئاياللارنىمۇ بىر بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن»دا خىتايدىكى نوپۇس ئازىيىش كىرىزىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى تەسىرى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى بېقىش چىقىمىغا قارىتا باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ يېشى چوڭ بويتاق ئاياللارنى بىر بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. يۇقىرىقى يېڭى تەدبىر ۋە تەكلىپلەر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، شۇنداقلا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
لى كېچياڭ يىغىندا نوپۇس ئازىيىش كىرىزىسىنى ھەل قىلىش توغرىلىق تەكلىپ بېرىپ، ئۈچ بالىلىق بولۇش سىياسىتىنى قوللاش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاش، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ بېقىش خىراجىتىگە قارىتا باجدا ئېتىبار قىلىش، بالىلارنى بېقىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلىنى بېقىش يۈكىنى يېنىكلىتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. لې كېچياڭنىڭ يېڭى تەكلىپى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغان.
بېيجىڭ شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «بېيجىڭ خەۋەرلىرى» بۇ ھەقتە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ: «0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بېقىش ھەققى ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن چىقىم كېتىدۇ، ھەتتا ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا كېتىدىغان چىقىم ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ تەربىيە ئىشلىرىغا كېتىدىغان خىراجەتتىنمۇ يۇقىرى» دەپ، بۇ تەدبىرنى قاتتىق ماختىغان.
ئوبزوردا مەزكۇر ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئۈچ بالىلىق بولۇشنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قوللاش، جەمئىيەتتىكى كۆپ بالىلىق بولۇپ قېلىش ئەندىشىسىنى پەسەيتىش ۋە بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ بېقىش خىراجىتىنى ئازايتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان تەدبىرلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەلەپ ساداسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي رېجىمىنىڭ پەقەت خەلقنىڭ بېقىش خىراجىتىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايلاردىكى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىماسلىق ۋە پەرزەنتلىك بولالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ