خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي ساھەدىكى چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ 7-مارتتىكى سۆزىدە چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ئىشلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھەربىي ھەرىكەت ۋە قانۇن-تۈزۈم ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇش، چەت ئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت مەنپەئەتىنى قانۇن بىلەن قوغداش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي مەركىزىي خەلق رادىيوسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقان. يىغىندا شى جىنپىڭ: «ئەمەلىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە جەڭگە جىددىي تەييارلىق قىلىش، يەرلىك بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقىنى قوغداش، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملىق قوغداش كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ «ئىككى يىغىن»دا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا ھەربىي كۈچنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، جەڭ تەييارلىقى ۋە جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ ھەربىي چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ