تەيۋەن خىتاينىڭ تەيۋەن ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي بۇ نۆۋەتلىك «ئىككى يىغىن»دا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، تەيۋەن خىتاي كۈچەيتىۋاتقان بۇ سىياسىي رامكىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ شەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ۋەدە بېرىپ: «ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىتاينىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياكى تەيۋەن مەسىلىسىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان. تەيۋەن تەرەپ بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، لى كېچياڭنىڭ پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى ئىككى يىلدا تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق قوللىغۇچىسى ۋە قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلگەن. خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۇ قېتىملىق «ئىككى يىغىن»دا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭنىڭ  ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى» ۋە «1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كېڭىشى لى كېچياڭنىڭ سۆزىگە جاۋابەن: «خىتاي خەلقئارا قائىدە-تۈزۈمگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقىلا كۆڭۈل بۆلمەي، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە بەخت-سائادىتىگە بولغان ھەقىقىي پوزىتسىيەسىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك» دېگەن.

تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كېڭىشى يەنە: «تەيۋەندىكى كۆپ سانلىق خەلق خىتاي يولغا قويغان سىياسىي رامكا، ھەربىي تەھدىت ۋە دىپلوماتىك باستۇرۇشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. دېموكراتىك تەيۋەن بولسا رايونلۇق تىنچ، مۇقىم كۈچ» دېگەن، شۇنداقلا تەيۋەندىكى كۆپ سانلىق خەلقنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1943 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2022 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق