ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەننى «يىراق شەرقنىڭ ئۇكرائىناسى» دەپ سۈپەتلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەيۋەن مەسىلىسىنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەن سېلىشتۇرغان ۋە تەيۋەننى «يىراق شەرقنىڭ ئۇكرائىناسى» دەپ سۈپەتلىگەن. خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى نارازىلىق سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدە بۇ ھەقتىكى باياناتىنى سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە ئېلان قىلغان بولۇپ: «ئەنگلىيە سىياسىيونلىرىنى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشماسلىققا ۋە خىتايغا قارشى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا، شۇنداقلا ئىچكى ئىشلىرىمىز ئارىلىشىشنى توختىتىشقا نەسىھەت قىلىمىز» دەپ جار سالغان.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى: «ئەگەر غەرب ئەللىرى ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، ئۇنداقتا تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ» دېگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ