خىتاي بۇ يىللىق مۇداپىئە چىقىمىنى %7.1 ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئېشىش نىسبىتىدىن، شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۆلچەردىكى ئوتتۇرىچە ئېشىشىدىن يۇقىرى بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىنمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاندىن تارتىپ ئاۋىياماتكىغىچە بولغان بىر قاتار قوراللارنى تەتقىق قىلماقتىكەن. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇداپىئە چىقىمىدىكى پەرقىنى كىچىكلىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا ئىككى ئاۋىياماتكا، ئامېرىكىدا 11 ئاۋىياماتكا بار ئىكەن.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا: «بۇ يىل زامانىۋى ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى، زامانىۋى ھەربىي مۈلۈك باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە قورال-جابدۇقلارنى زامانىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى پىلانلىدۇق» دېگەن. ئۇ يەنە جەڭ تەييارلىقى ۋە جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 5-مارت دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ 1 تىرىليون 450 مىليارد يۈەن (29 مىليارد 470 مىليون دوللار) ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ئۇدا يەتتە يىل بىر خانىلىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىغان بولۇپ، بۇ يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %7.1 بولغان. بۇ 2019-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تېز ئاشۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي مۇداپىئە خامچوتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئىزچىل ھالدا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىشىمۇ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىللىق %5.5 لىك ئېشىش نىشانىدىن يۇقىرى بولغان. ھالبۇكى، خىتاي نۆۋەتتە ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ كاساتلىشىشى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقى داۋا قىلىنغان تەيۋەندىن تارتىپ، ئاراللار ئەتراپىدىكى تالاش-تارتىشتا قالغان جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھاۋا ھەرىكىتى، شۇنداقلا ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا تالاش-تارتىشى مەسىلىسى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ