سۇلايمان سويلۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

سۇلايمان سويلۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

2-ئاۋغۇست تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئاخبارات ئورگانلىرىغا بۇ يىل 29-ئىيۇلغچە بولغان مەزگىلدە 177 مىڭ 654 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۇلايمان سويلۇ ئاخبارات ئورگانلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «چوڭ بىر كۆچمەنلەر دولقۇنىغا دۇچ كەلدۇق، لېكىن باشقۇرالماي قالىدىغان بىرەر كىرىزىسنىڭ ئىچىدە ئەمەسمىز. ۋەزىيەت مۇئەييەن سىياسەت بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ.تۈركىيەدە ۋاقىتلىق پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە ئىگە ئۈچ مىليون 639 مىڭ 284 سۇرىيە پۇقراسى بار. تۈركىيە تارىخىدا قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي كۆچمەنلەر سانىغا بۇ ۋاقىتلىق پاناھلانغۇچىلارنى قوشقاندا بەش مىليون 700 مىڭ كىشىگە يېتىدۇ. تۈركىيە خەلقئارالىق پاناھلىق ئىلتىماسىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاناھلانغۇچىلارنى بىزنىڭ نامىمىزدىن ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى قوبۇل قىلاتتى. ئالدىنقى يىلى تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ھەق-ھوقۇقى ۋە قابىلىيىتى ئىلتىماسلارنى تۈركىيەنىڭ بىۋاسىتە ئۆز نامىدىن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ۋەزىيەت نورماللاشقان چاغدا سۇرىيەگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %70 بولۇشى مۇمكىن. ھازىرغا قەدەر كىچىك بالىلارنىمۇ قوشقاندا 92 مىڭ 289 سۇرىيە پۇقراسى ۋەتىنىگە قايتتى».
قانۇنسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشنىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سۇلايمان سويلۇ كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2000 قانۇنسىز كۆچمەننىڭ نازارەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 2735 قېتىم كۆرۈلدى
03/08/2019 21:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق