خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش» يىغىنىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 4-مارت چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان. 10-مارت ئاخىرلىشىدىغان مەزكۇر يىغىنىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-مارت چۈشتىن كېيىن تۇرۇشلۇق ئورنىدا ئومۇمىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى بويىچە كادىرلارنى، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش، خەلق ئاممىسىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك» دېگەندەك ئاسسىمىلياتسىيە، باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان سىياسىي شوئارلار تەكىتلىگەن.

ما شىڭرۈي يىغىندا سۆز قىلىپ، مەزكۇر يىغىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىشنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دېگەن تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان. رەت قىلغانلار تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان. بۇلاردىن سىرت خىتاي ئاتالمىش «مەھەللىلەرنى تۈزەش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق، مەھەللە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا يۇقىرىقى  سىياسەتلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنى زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلققە ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە زىت بولغان ئىدېئولوگىيەنى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1217 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2022 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق