گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا چوتنى خام سوقتى

ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، خىتاي كۆپ قېتىم ئۇكرائىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بۇ مەيدانىدىن چېكىنىشى خەلقئارانىڭ دىققەت قوزغىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سودا گېزىتى»دە «خىتاي رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا چوتنى خام سوقتى» سەرلەۋھەلىك ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك زور بەدەل تۆلىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ھەرىكىتى بىر-بىرىگە زىت بولۇپ، بۇ بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى پەقەت مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسى بىلەنلا قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ سىستېمىدا بارلىق ژۇرنالىستلارنىڭ قىلالايدىغىنى ئىچكىرىلەپ سوئال سوراش ئىكەن، ئەمما مۇخبىرلار ھەمىشە بىر-بىرىگە زىت بولغان جاۋابلارغا ئېرىشىدىكەن. خىتايدا ئۆكتىچىلەر يوق بولۇپ، ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭ سايلامدا ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىكەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۇكرائىنادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدىكەن، بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ پوزىتسىيەسىدىكى تۇترۇقسىزلىقمۇ تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا، خىتاي 4-فېۋرال پۇتىن بىلەن بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، رۇسىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتە بىتەرەپ مەيدانى بىلەن مۇرەسسەچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. شۇنداقتىمۇ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا خىتاينىڭ رۇسىيەدىن يىراقلىشىش ۋە خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە باياناتىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ياۋروپادا ئۇرۇش قوزغاش ھەرىكىتىنى قوللىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بۇنى ئوبدان خاتىرىلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغان. ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئىتتىپاق تۈزگەن بولۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ ئىتتىپاق خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆز قىلمىشىنىڭ ياۋروپادا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۆۋەن مۆلچەرلىدى. نەتىجىدە خىتاي ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشتى. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ياۋروپادىن ئايرىلالمايدۇ، خىتاينىڭ چوتنى خام سوقۇشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس» دېيىلگەن ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2490 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2022 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق