تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەننى دىپلوماتىك جەھەتتىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 4-مارت تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن، «ئىككى قىرغاق ئالاقە فوندى» تەشكىللىگەن يىغىندا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تەيۋەن دائىرىلىرىنى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھال زۆرۈر ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، تەيۋەننى دىپلوماتىك جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئەركىن دۆلەت دەپ بېكىتىشى كېرەك» دېگەن.
پومپېيو تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تەيۋەن مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەقىللىقنى جاكارلاشنىڭ ھاجىتى يوق. تەيۋەننى دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىش توغرا ۋە ئېنىق بىر ئىش» دېگەن.
پومپېيو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن، ئەمما تەيبېي ھۆكۈمىتىنى رەسمىي دىپلوماتىك ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلمىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1979-يىلىنىڭ بېشىدا تەيبېي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەمدە بېيجىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوبۇل قىلغان. شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۈجمەل سىياسەت قوللىنىپ، ئاسترىتتىن تەيۋەننى قوللاپ، ياردەم قىلىپ كەلگەن.
پومپېيو بۇ قېتىم «ئىككى قىرغاق ئالاقە فوندى» تەشكىللىگەن يىغىندا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 2-مارت كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ بارغان. مەزكۇر پائالىيەت 2-مارتتىن 5-مارتقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، پومپېيو ۋە ئۇنىڭ ئايالى تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن. تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن پومپېيونىڭ تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئوردېن تەقدىم قىلغان.
بۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەننى «خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ قاراش قاتارلىق بىر قاتار تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ