رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنادا پاناھلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرلار ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرى بىلەن بىرلىكتە پولشاغا بېرىپ پاناھلانغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قېچىپ چىققان مىليونلىغان مۇساپىرلار ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى سەۋەبلىك قېچىپ چىققان بىر نەچچە ئۇيغۇر، قازاق مۇساپىرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە يىل جەريانىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلىرى ئۇكرائىنادا پاناھلىنىش شارائىتىغا ئېرىشكەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىشى بىلەن، ئىنتايىن تەسلىكتە پاناھلىق ئورۇن تاپقان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى يەنە ئۆزگەرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىبراھىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى 2018-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇكرائىنادا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن پولشاغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان. ئىبراھىمنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ 2013-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن قېچىپ، بىخەتەر دۆلەت ئىزدەشكە باشلىغان. بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن پاكىستاندا بىر يېرىم يىل تۇرغان، ئاندىن تۈركىيەگە كېلىپ، 2018-يىلىغىچە ئوقۇغان. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەندىن كېيىن، ياۋروپاغا كېتىشنى قارار قىلغان. ئۇ ئۇكرائىنادىن نەچچە قېتىم پولشا ۋە سىلوۋاكىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق يەنە ئۇكرائىناغا قايتۇرۇلغان. ئۇ ئۇكرائىنادا تۇرغان ئۈچ يىل جەريانىدا تۆت ئاي تۈرمىدە، ئىككى ئاي مۇساپىرلار لاگېرىدا ياتقان.
2021-يىلى 11-ئايدا ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىبراھىمنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى ئاخىرى تەستىقلانغان. ئەمما مىڭ تەستە مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبلىك، ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى چېگرادىن ئۆتۈپ پولشاغا بېرىپ، گېرمانىيەدىن كەلگەن ئايالى ۋە ئىككىنچى ئوغلى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ئايرىلغان ئەر-ئايال ئاخىرى جەم بولغان.
ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق قازاق ياش ئېرسىن ئەركىن 2020-يىلى 10-ئايدا تۈركىيەدىن ئۇكرائىناغا بارغان. ئەمما ئىزچىل پاناھلىققا ئېرىشەلمىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ پاسپورتىنىمۇ يوقىتىپ قويغان ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى بىلەن بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئېرسىن ئەركىنمۇ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن پولشاغا يېتىپ بارغان. پولشا دائىرىلىرى ئۇنىڭغا بىر ھۆججەت بەرگەن بولۇپ، ئۇ پولشادا 5-ئايغىچە تۇرسا بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ