گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بېيربوك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئالاقىدار دوكلاتنى تېزرەك ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بېيربوك 3-مارت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-قېتىملىق يىغىنىدا سىنلىق سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان، ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.
ئاننالىنا بېيربوك سۆزىدە: «بىز ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەۋەبسىز لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز» دېگەن ۋە شۇنداقلا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان.
جەنۋەدە تۇرۇشلۇق بىر دىپلوماتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى يېزىپ تاماملانغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە رەسمىي ئېلان قىلىنمىغان. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ 28-فېۋرال تور ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-قېتىملىق يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭدىكى ھەر 530 مۇسۇلمانغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىردىن مەسچىت توغرا كېلىدۇ، بۇ نىسبەت نۇرغۇن غەرب ئەللىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى» دەپ بىلجىرلىغان. شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دىنىي باستۇرۇش ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.
ۋاڭ يى يىغىندا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭمۇ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى كونا ئىبارىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.
بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، دوكلات ئېلان قىلىش ئىزچىل كېچىكتۈرۈلگەنىدى ۋە بۇ سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ