خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پىلانىدىن خەۋىرى بارلىقى ئاشكارىلاندى

بىر قىسىم ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ  رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق پىلانىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 3-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت پىلانىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ رۇسىيەگە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلماسلىقنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ساختا خەۋەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە: «ئۇكرائىنا مەسىلىسى نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ بۇ ھالەتكە كەلدى. بولۇۋاتقان ئىشلار ناھايىتى ئېنىق. بۇ ئىشنىڭ تېگىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، خىتاينى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، كىرىزىسنى قوزغىغۇچىلارنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ئوينىغان رولى ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى، ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جار سالغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى چارشەنبە بايدېن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ياۋروپا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ بېشىدا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلماسلىقنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە غەرب ئەللىرىنىڭ بىر ئىستىخبارات ئۇچۇرىنىڭمۇ خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە تەرەپنىڭ پىلانى ياكى مۇددىئاسىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2022 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق