رۇسىيە شىركەتلىرى خىتاي بانكىلىرىدا ھېسابات ئېچىشقا ئالدىرىماقتا

رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە شىركەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي بانكىسىدىن يېڭى ھېسابات ئېچىشقا باشلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيونىڭ 3-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بانكىسىنىڭ موسكۋا تارمىقىدا ئىشلەيدىغان، مەزكۇر ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار بىر كىشى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ: «ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە 200-300 دەك رۇسىيە شىركىتى بىزنى ئىزدەپ، يېڭى ھېسابات ئاچماقچى بولدى» دېگەن.

نۆۋەتتە رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بانكىلىرىدا يېڭى ھېسابات ئېچىشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئەمما يېڭى ھېسابات ئېچىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغانلىقى، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاي پۇلى بىلەن قىلغان سودىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازاغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئىپادىلەپ، جازانىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن نورمال ئىقتىساد ۋە سودا ئالاقىسىنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. موسكۋادا خىتاينىڭ سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق بىر نەچچە بانكىلىرى تىجارەت قىلىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق ئۈچ بانكا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروت شىركىتى FESCO تىرانسپورت گۇرۇھى بۇ ھەپتە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم بانكىلىرىنىڭ يەرشارى پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر سىستېمىسى SWIFT دىن قوغلانغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ خىتاي پۇلىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە شىركەتلىرى تەبىئىي ھالدا خىتاي خەلق پۇلىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ كىچىك ئېكسپورت شىركەتلىرى رۇبلى كۇرسى چۈشۈپ كېتىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، يوشۇرۇن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن شىركەتلەر مال يەتكۈزۈشنى توختاتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى رۇسىيە پۇلىنىڭ قىممىتى خىتاي پۇلىغا سېلىشتۇرغاندا %40 كە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 799 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2022 10:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق