ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-مارت يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يىغىلىشتا: «بىز يەنە قانچىلىك ۋاقىت ساقلايمىز؟ ئۇيغۇرلارغا تېزلىكتە پاناھلىق بېرىلسۇن، بىزنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدىسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشقا قاتناشقان قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدا مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ساقلاۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بار ئىكەن. بەزىلىرى كەم دېگەندە بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان بولسىمۇ، يېڭىلاپ بېرىلمىگەن.

ئامېرىكا پۇقرالىق ۋە كۆچمەنلەر مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەزكۇر ئورگان پاناھلىق تەلىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، لاياقەتلىك بولغانلىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ دېلولىرى سوتلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئامېرىكىدا قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچى ئامېرىكا ئاۋازىغا ئۆزىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغىنىغا توققۇز يىل بولغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا تەستىقلانمىغانلىقنى بىلدۈرۈپ: «مەن توققۇز يىل ئىلگىرى پاناھلىق ئىلتىماسىمنى سۇنغانىدىم. ھازىرمۇ ئامېرىكىنىڭ پاناھلىق بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمەن» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ نامايىشنى «پاناھلىقى ھەل بولمىغانلار گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، بوستون ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر زىيالىيلار بىرلىكى، ئۇيغۇر فوندى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار ھەمكارلاشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 866 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2022 17:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق