خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 2-مارت ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن. ئۇ جاۋابىدا: «ئامېرىكا خىتايغا قارا چاپلاۋاتىدۇ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۆز-چۆچەك تارقىتىپ، خىتايغا قارا چاپلاش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 1-مارت ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-قېتىملىق يىغىنىدا سىنلىق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا بەرگەن جاۋابىدا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاقلاپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنىڭ ب د ت تا بەلگىلەنگەن قاتتىق ئۆلچىمى بارلىقى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ تارىختا ئىندىيانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى، بۇ ھەقتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
خىتاي باياناتچىسى ئاخىرىدا يەنە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان خىتاينىڭ نوپۇس چەكلەش جىنايىتى ھەققىدىكى دوكلاتلار ۋە ھۆججەتلەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ: «ئۆتكەن 60 نەچچە يىلدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تۆت ھەسسە ئاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى ئەسلىدىكى 2 مىليون 200 مىڭدىن 12 مىليونغا يەتتى. شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دېيىش پۈتۈنلەي يالغانچىلىق» دەپ بىلجىرلىغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە زور تۈركۈمدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق نوپۇس كونترول قىلىش سىياسىتى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغانىدى. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىگە مەجبۇرلانغانلىقى، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئىككى رايونىدا 2016-يىلدىن بېرى يېڭىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئازلىغانلىقى، بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ۋە گۇۋاھچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر ئارقىلىق توپلانغانلىقى، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى رەت قىلغانلارغا جازا لاگېرىغا ئەۋەتىش بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقى بايان قىلىنغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپاتلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپلىگەن دوكلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ