خىتاي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلىق خەۋەرلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جىنايى قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ ئاخبارات باياناتچىلىرىدىن شۈ گۈيشياڭ، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئېلىجان ئانايەت، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئاينۇر مەقسەت ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ قاتارلىقلارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، بېيجىڭدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار 69-نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالدىن تەييارلانغان بىر قىسىم قىسقا سىنلارنى كۆرسىتىپ، خىتايچە سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ «ساغلام» ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلىجان ئانايەت بىلەن شۇ گۈيشياڭ قېلىپلاشقان سۆزلەرنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىغا قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، نوپۇس چەكلەش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ باياشات ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

شۇ گۈيشياڭ مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلار ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سىياسەتكە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش ھەمدە نۆۋەتتىكى خىزمەت مېتودى قەتئىي داۋام قىلىدۇ» دەپ جار سېلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىگە نىسبەتەن ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ۋاڭ لاڭتاۋ مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ غەرەزلىك ھالدا يالقۇن روزى، تاھىر ناسىر، ئابدۇرازاق سايىم، ۋاھىتجان ئوسمان، ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنغان، خىتايغا دائىر مەزمۇنلار ئېلىپ تاشلانغان بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق، دىنىي ئاشقۇنلۇق مەزمۇنىدا دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈپ چىققانلىقى، بۇ كىتابلارنىڭ 25 مىليون پارچە بېسىلىپ، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە تارقىتىلىپ، ئۇلارنى «زەھەرلىگەنلىكى» ھەققىدە بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يالغان دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكى ساختىپەزلىكنى پاش قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2022 17:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق