بايدېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كەينىدىلا پومپېيومۇ تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىدى

بايدېن ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلاردىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ، تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-مارت ئەتىگەندە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يېڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ 2-مارت كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ بارغان.

پومپېيو تەيۋەن ئايرودۇرۇمىغا چۈشكەندىن كېيىن سۆز قىلىپ، تەيۋەنگە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «سىلەردەك شانلىق دۆلەتنىڭ سودىگەرلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ساھە كىشىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم» دېگەن. ئۇ تەيۋەنگە بېرىشتىن بۇرۇن يەنە تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «پات يېقىندا ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان تەيۋەن خەلقى بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتىمەن» دېگەن.

سەي يىڭۋېن بۈگۈن ئەتىگەندە پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەيۋەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئوردېن تەقدىم قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەت 2-مارتتىن 5-مارتقىچە داۋاملىشىدىكەن. پومپېيو ۋە ئۇنىڭ ئايالى تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

پومپېيو ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە (2018-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇ ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابى بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى خىتايغا قارشى قاتتىق قوللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 737 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2022 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق