قازاقىستان بىلەن تۈركىيە يېقىندىن بېرى ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يېڭى بىر ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىغا ئىمزا قويدى.
قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋولزاس ھۈسەيىنوف 25-فېۋرال تۈركىيەنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار ئەمەلدارى فاتىھ پاررا بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ كەلگۈسى نىشانى، ھەربىي تەلىم-تەربىيە مەسىلىسى ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇرۇش مەشىقى قىلىش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان.
سۆھبەت نەتىجىسىدە قازاقىستان بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2022-يىللىق ھەربىي ھەمكارلىق پىلانىغا ئىمزا قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ