ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېمبارگولار سەۋەبىدىن رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ بۈگۈنگىچە %30 قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ %40 قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى ۋە ئاكسىيە بازارلىرى ئىشلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.