رۇسىيە دۇنيا مىقياسىدا بايقۇت قىلىنىپ يالغۇز قالغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ مۈجمەل پوزىتسىيەدە تۇرۇۋېلىشى ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىغان ھامان دەرھال مۇرەككەپ تەمىنلەش زەنجىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازاسىغا دۇچ كەلگەن. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رۇسىيە خەلقئارادا يالغۇز قالغان بولۇپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بايقىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىندىن بىرى خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە بىلەن بولغان نۇرغۇن ساھەدىكى ئالاقىنى ئۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنى پۇل-مۇئامىلە ئۇچۇر سۇپىسى بولغان دۇنيا بانكىلار ئارا پۇل-مۇئامىلە تېلېگراف جەمئىيىتى (SWIFT) دىن قوغلاپ چىقارغان. بۇ تەدبىر رۇسىيەنىڭ خەلقئارا بانكا تىجارىتىنى كۆرۈنەرلىك چەكلەپ قويغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەرشارىدىكى پۇل تۆلەش ۋە ئىناۋەتلىك كارتا ماگناتلىرى Mastercard ۋە Visa دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ بىر قانچە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ پۇل تۆلەش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ھەمدە 2 مىليون دوللار قىممىتىدە ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دىيالوگنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان گېرمانىيەمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبىدىن تاشقى سىياسەتلىرىنى زور دەرىجىدە تەڭشىگەن. گېرمانىيە ھەربىي چىقىمىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىككى پىرسەنتىگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 100 مىليارد ياۋرو ئالاھىدە خامچوت ئاجراتقان. شۇنداقلا ئۇكرائىنانى ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. گېرمانىيەدىكى بۇ سىياسەت ئۆزگىرىشى تاراتقۇلار تەرىپىدىن تارىخىي ئۆزگىرىش دەپ ئاتالدى. ئۇندىن باشقا، ئۇزۇندىن بۇيان بىتەرەپ مەيدانىدا چىڭ تۇرغان فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەدە پۇتىن ئۇكرائىناغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىنلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقى پارتلىغان. بۇ شىمالىي ياۋروپادىكى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئەگەر دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، بۇ كىرېمىل سارىيىنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان. شۇنداقلا بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان يەنە بىر دۆلەت شىۋىتسارىيەمۇ پۇتىننىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە رۇسىيەگە ھاۋا بوشلۇقىنى تاقاش قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان جازانى تولۇق يولغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەنتەربىيە فېدېراتسىيەلىرى رۇسىيەنىڭ بىرلەشمىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى يەرشارى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنى رۇسىيەنى بۇ ساھەدىن تېپىپ چىقىرىشقا چاقىرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا ۋە دۇنيا پۇتبول تەشكىلاتلىرى رۇسىيەنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. خەلقئارا مۇز توپ بىرلەشمىسى ۋە شىمالىي ئامېرىكا كەسپىي مۇز توپ تەشكىلاتى، دۆلەتلىك مۇز توپ جەمئىيىتى (NHL) مۇ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى جازاسىنى ئېلان قىلغان.
ھالبۇكى خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەكسىچە يول تۇتتى. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى داۋراڭ قىلىپ، تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە خەلقئارانىڭ تەنقىد قىلىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ئالدىدا، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىش تەرىپىدە تۇرۇۋالدى. شۇنداقلا رۇسىيەنى ئاشكارا ئەيىبلەشنى رەت قىلىشى ۋە رۇسىيەنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قارشى خەلقئارالىق جازالاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىشى خەلقئارا جازانىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە قارىتىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك جازاغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئۇنداقتا خىتايمۇ جازاغا تارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى ئىلگىرى رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ھەرقانداق شەكىلدە ياردەم بەرگەنلىكى ئاشكارىلانسا ئۇنىڭمۇ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
نۆۋەتتە خىتاي خەلقئارالىق جازالارنى ئېتىراپ قىلماسلىق بىلەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىگە ۋاسىتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھالغا چۈشۈپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ