خىتاي بۇلاڭ-تالاڭنى كۈچەيتىپ مىڭ توننىلىق ئۈچ قۇدۇق قازغان

يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتاي شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ئارقا ـ ئارقىدىن 1000 توننىلىق ئۈچ قۇدۇق قازغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي شۇنبېي نېفىتلىكى دەپ ئاتىۋالغان 4-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن يەنە 1000 توننىلىق بىر قۇدۇق قازغان، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن 1000 توننىلىق ئۈچ قۇدۇق قازغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شۇنبېي 8-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلبېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 801X  قۇدۇقتىن 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە بىر كۈندە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 1007.6 توننىغا يەتكەن. بۇ 8-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغدا يېڭىدىن 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىت، تەبىئىي گاز رايونىغا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 4-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شۇنبېي 4-5H قۇدۇقىنىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى بۆلەكلەرگە بۆلۈش ئارقىلىق كىسلاتا بېسىمىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بىر كۈندە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 1360 توننىغا يەتكەن. بۇنى خىتاي دائىرىلىرى خىتاي نېفىت-خىمىيە سانائىتى يەككە قۇدۇقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات رېكورتىنى ياراتتى دەپ ئاتىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي غەربىي شىمال نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، شۇنبېي نېفىتلىك-تەبىئىي گازلىقىدا 1000 توننىلىق 11 قۇدۇق بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1000 توننىلىق توققۇز قۇدۇق 4-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلباغقا جايلاشقان. خىتاي بۇ رايوندا 2021-يىلى 3-ئايدا قۇدۇق ئېچىش ۋە قۇرۇشنى يولغا قويغان بولۇپ، شۇنبېي 4-نومۇرلۇق ئۈزۈلمە بەلبېغىدا جەمئىي 13 قۇدۇق قېزىلغان. خىتاي بۇ قۇدۇقلار ئارقىلىق جەمئىي 168 مىڭ توننا خام نېفىت، 340 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان خام نېفىت كۈندىن -كۈنگە كۆپەيتىلىپ، كۈنلۈك  قېزىلغان خام نېفىت 2043 توننىغا يەتكەن. تەبىئىي گازمۇ ھەم كۆپەيتىلىپ 3 مىليون 760 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىپ، شۇنبېي نېفىتلىكىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %78 ىنى ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا خىتاي غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىتنى زاپاس ساقلاشنى داۋاملاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلانغان خام نېفىتنى خىتايغا توشۇپ كېتىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شۇنبېي نېفىتلىكى بىرلەشمە پونكىتىنىڭ ئىككىنچى قاتار تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلمىسىنى كىرىشتۈرگەن بولۇپ، خام نېفىتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆرلەپ يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتكەن. تەبىئىي گازنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، يىلىغا 1 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايدا ئېنېرگىيە كىرىزىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر زاپىسى خىتاينىڭ ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ %37 ىنى ئىگىلىگەن. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىمۇ 30 مىليارد توننا دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ %25 ىنى ئىگىلىگەن. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش مىقدارىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

كۈزەتكۈچىلەر يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان مىقداردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1087 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2022 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق