ھىندىستان خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پىلانلىرىغا قارشى تەدبىرنى كۈچەيتتى

ھىندىستان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قوش ئىستراتېگىيەسىگە قارشى تەدبىرىنى كۈچەيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر شارى بويىچە ئۆزەك كەمچىل بولۇۋاتقان پەيتتە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پائال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەمدە خىتايدىن چېكىنىپ چىققان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچى كەسپىي شىركەتلەرنى ھىندىستاندا زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلغان. شۇ ئارقىلىق يەرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيە سىستېمىسى تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان.  ئۇندىن باشقا ھىندىستان يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق خىتاينىڭ قوللىنىشچان ئەپ دېتالىنى چەكلەپ، تېخنىكا رىقابىتىدە خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىس-تۈتەكسىز جەڭ لىنىيەسىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان بۇ پىلان ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان پەيتتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدە خىتايغا تايىنىپ  قېلىشتىن ئىبارەت قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما يانفونلىرىنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تونۇلغان تەيۋەننىڭ خون خەي گۇرۇھى 14-فېۋرال ھىندىستاننىڭ بومبايغا جايلاشقان دۆلەت ھالقىغان گۇرۇھ Vedanta بىلەن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەمكارلىقنىڭ بازار قىممىتى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن. خون خەي گۇرۇھىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەمكارلىق ھىندىستاننىڭ يېقىنقى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يەرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسەۋۋۇرنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 12-ئايدا «ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پىلانى (PLI)»نى تەستىقلىغان. 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ چوڭ تىپتىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ھىندىستاندا زاۋۇت قۇرۇشقا جەلپ قىلىشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن 50% تولۇقلىما بېرىشنى ۋەدە قىلغان بولۇپ، سىنگاپور ۋە ئىسرائىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كەسپى شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خون خەي گۇرۇھى تۇنجى بولۇپ ھەمكارلاشقان كارخانىغا ئايلانغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 681 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2022 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق