ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ 12 نەپەر دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشنى بۇيرىدى

ئامېرىكا ب د ت غا رۇسىيەنىڭ 12 نەپەر دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ب ب س نىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رۇسىيەنىڭ 12 نەپەر دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋاسىلى نېبېنزيا 28-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكانىڭ ب د ت غا رۇسىيەنىڭ 12 نەپەر دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى تېلېفون ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ يادرو تەھدىت كۈچىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ، پۇتىن بۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارشى جىددىي ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى خاركوۋغا كىرگەن بولۇپ، رۇسىيە ئەسكەرلىرى شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن غايەت زور پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان. كىشىلەر تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇندىن باشقا پايتەخت كىيېۋنىڭ جەنۇبىدا نېفىت ئىسكىلاتى پارتلاپ زەھەرلىك گاز ئەتراپقا تارقالغان بولۇپ، دائىرىلەر ئاھالىلەردىن دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئۆيدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 708 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2022 17:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق