تۈركىيە بارلىق دۆلەت ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى چەكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرنى بوغۇزلاردىن ھەربىي پاراخوت ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى بايانات ئېلان قىلىپ، قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر بولسۇن ياكى باشقا دۆلەت بولسۇن بارلىق دۆلەتلەرنى بوغۇزلاردىن ھەربىي پاراخوت ئۆتكۈزمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، 1936-يىلى ئىمزالانغان مونترۆ بوغۇزلار كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى باياناتىدا يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇشقا كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى بوغۇزدىن ئۆتكۈزمەسلىك ھوقۇقى بارلىقىنى، ئەگەر ھەربىي پاراخوت ئۆز بازىسىغا قايتىش ئۈچۈن بوغۇزدىن ئۆتمەكچى بولسا توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىشى مونترۆ كېلىشىمىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى باياناتىدا، قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنى ئىستانبۇل ۋە چاناققەلئە بوغۇزلىرىدىن ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھازىرغىچە بوغۇزدىن ئۆتۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلى ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە رەسمىي ئۇرۇشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلغان بولۇپ، ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى قانداق كونترول قىلىش، تىنچلىق سۆھبىتىنى قانداق ئۇسۇلدا باشلاش، ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئىنسانىي كىرىزىسقا قانداق ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2022 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق