بايدېن سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارىنى تەيۋەنگە ئەۋەتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارىنى تەيۋەنگە ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تەيۋەننى قوللاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئەمەلدارىنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەرقانداق شەكىلدە تەيۋەننى قوللاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنى تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكىتىنى توختىتىشنى  تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، پىرېزىدېنت بايدېننىڭ دۈشەنبە كۈنى سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىشى، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 811 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2022 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق