كىرېمىل سارىيى: ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلىشى خەتەرلىك

كىرېمىل سارىيى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كرېمىل سارىيى 28-فېۋرال كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە بولغان دۈشمەنلىك قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنىڭ خەتەرلىك قەدەم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ تۈردىكى ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قورالسىزلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان. رۇسىيە بولسا مەزكۇر تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» دەپ ئاتىغان.

كىرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان، شۇنداقلا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يادرو تەھدىت كۈچىنىڭ ھۇشيارلىقىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ھەققىدىكى تەلىپىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
01/03/2022 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق